ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشم ...سىزنىڭ نازىم ئوقۇ بىلوگگىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمەن ! بلوگ ئېلانلىرىنى چىكىپ قۇيۇڭ !

  • قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە «تۇڭگان» سۆزىنىڭ 东岸 دىن كەلگەنلىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىللىرى ئارقىلىق شەرھىلىنىش بىلەن بىللە، «تۇڭگان»سۆزىنىڭ ئەسلىدىكى جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمدىن مىللەت نامىغا قانداق ئۆزگەرگەنلىكى يازما مەنبەلەر ۋە تىل ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

  • مىلادى1265-1274-يىللاردىكى ئۇيغۇر زەمبىرىكى(回回炮) گە تەقلىد قىلىپ ياسالغان زەمبىرەكلەر ئالاھىدە بىر خىل ئەسكىرىي قورال بولۇپ چىقتى.
    جىن دۆلىتى بىلەن موڭغۇل دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا،جىن دۆلىتى بۇ خىل يىراقتىكى نىشاننى پارتىلىتىدىغان قورالنى ئىشلەتكەن.بۇنداق زەمبىرەكتىن ھەر قېتىم ئېتىلغان ئوق يەر-زېمىننى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن.يېرىم مو كېلىدىغان دائىرە ئىچىدىكى ئادەم ۋە نەرسىلەرنى كۆيدۈرگەن.
    شۇ زامانلاردا،جەنۇبىي سوڭ دۆلىتىمۇ قارشى تەرەپنىڭ قەلئەلىرىگە يىراقتىن تۇرۇپ ئوق ئاتىدىغان بۇنداق زەمبىرەكلەرنى كۆپ ئىشلەتكەن.
    يۇقىرىدىكى تارىخىي بايانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر زەمبىرىكى ۋە ئۇنىڭ رولى،ئۈنۈمى ھەققىدە تېخىمۇ مۇئەييەن چۈشەنچە ھاسىل بولىدۇ.جۈملىدىن ئەينى زاماندا ئۇيغۇر زەمبىرىكى بىر يېڭى كەشپىيات ۋە ئەڭ قۇدىرەتلىك ھەربىي قورال بولۇپ قالغان.

  • ﺑﯘ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﻪﻳﺨﯘﺳﺮﻭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺰﺗﯩﺮﺍﭘﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ، ﺋﯚﺯ ﺳﻪﺭﺩﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﺪﯗ . ﻣﺎﺳﺴﺎﮔﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﯘﻣﺎﺭﯨﺴﺘﻪﻙ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺑﯧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﻪﻳﺨﯘﺳﺮﻭ ﮬﯩﻴﻠﻪ - ﻧﻪﻳﺮﻩﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﺧﺎﻡ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﮬﯩﻴﻠﻪ - ﻣﯩﻜﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻣﺎﺭﯨﺴﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﭙﻪﺭﮔﯩﻨﯩﺰ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﻣﺎﺳﺴﺎﮔﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ .

  • 1) ئاتەشكۈ _____ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىدىكى ئوچاقنىڭ شامال كۆزىنى ئاچىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.
    2) پوتال ______ ھەر خىل ئەسۋابلارنى زىننەتلەش، پەردازلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇيۇم.
    3) تولۋۇر ____ تۆمۈرچىلىكتە تۆشۈك تېشىلىدىغان تۆمۈرنىڭ ئاستىغا قويىدىغان تۆشۈكلۈك ياپىلاق تۆمۈر.
    3) تېكىنەك ___ تاقا مىخنىڭ ئۇچىنى قايتۇرىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
    4) تىغچى ____ ئات ئۇلاغلارنى تاقىلىغاندا ، قېقىلغان مىخنىڭ ئۇچىنى كېسىدىغان قەلەم.

  • بەشبالىق  ۋە  ئىدىقۇتنى  پايتەخت  قىلغان  ئۇيغۇر  ئىدىقۇت  خانلىقى  ئۇيغۇر  ئورخۇن  خانلىقىنىڭ  داۋامى  ئىدى.  ئۇيغۇر  ئىدىقۇت  خانلىقىنىڭ  تېرىتورىيىسى  شەرقتە  ھازىرقى  جۇچۈئەنگىچە،  غەرپتە  بۈگۈرگىچە،  جەنۇپتا  تكلىماكان  چۆلىگىچە،  شىمالدا  جەنۇبى  ئالتايغىچە  سوزۇلغان  بولۇپ  ئۇيغۇر  ئىدىقۇت  خانلىرى  شەرقى  ئۇيغۇرلارنىڭ  ئادىز  قەبىلىسىدىن  ئىدى.  ئۇلار  ئۆزلىرىنى < ئىدىقۇت >  ئۇنۋانى  بىلەن  ئاتىدى.  ئۇلاردىن  كىم  خان  بولسا  < ئىدىقۇت >  ئۇنۋانى  قوشۇپ  ئېيتىلاتتى.  مەسىلەن :  ئىدىقۇت  بارچۇق  ئارت  تېكىن،  ئىدىقۇت  قۇجىغار  تېكىن  دىگەنگە  ئوخشاش.    قەدىمقى  ئۇيغۇر  تىلىدا  < ئىدىقۇت >  سۆزى  -  < بەختلىك  پادىشاھ >  دىگەن  مەنىنى  بېرەتتى.  ئۇيغۇر  ئىدىقۇت  خانلىقىنىڭ  قۇرغۇچىسى،  ئۇيغۇر  خەلقىنىڭ  قەخرىمان  ئوغلى  ------  پان  تېكىن  مىلادىنىڭ  866 -  يىلى  بوكو  تېكىن  تەرەپىدىن  ئۆلتۈرۈلدى.


  • كورلا_ئۇيغۇرچە مەنىسى<<نەزەر تاشلىماق>>.
    بايىنبۇلاق_موڭغۇلچە مەنىسى<<كەڭرى يايلاق>>.
    خۇشۇت_مۇڭغۇلچە<<خېخىتې>>نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،قەبىلىنىڭ نامى.
    باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى <<قەد كۆتۈرۈ...
  • كۇچادىكى ئىسلام دىننى تارقىتىش ھەركىتى ناھايىتى ئەۋجىگە چىققىۋاتقان پەيتتە ئالمالىقتا ئىسلام دىننىڭ مەجبۇرلىشىغا قارىتا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ناھايىتى تېزلا كۇچا، ئاقسۇ،شايار،قارا
    شەھەر، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا تۇتاشتى، توپىلاڭچىلار كۇچا ئىسلام دىنى ئويۇشمىسى بىلەن
    ناھايىتى كەسكىن ئۇرۇش قىلدى⑨. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ باستۇرۇشىغا دۇچار بولدى.

  • «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» 19- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا چاررۇسىيە جۇڭگو زېمىنىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بېسىۋېلىشنى قەستلەپ، ئىبلىس قۇلىنى ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئىلى رايونىغا سوزغاندا مەيدانغا كەلگەن. چاررۇسىيە «رۇسىيە چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» دېگەننى باھانە قىلىپ، 1871- يىلى 6- ئايدا ئەسكەر چىقىرىپ ئىلىنى بېسىۋالغان ھەمدە «ئىلى مەڭگۈ رۇسىيە قارمىقىدا بولىدۇ » دەپ جاكارلىغان. ھەم خەلقلەرنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان. لېكىن شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، يەتتىسۇغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى نامرات دېھقانلار بولغاچقا، ئۇلار كۆچۈش داۋامىدا نۇرغۇنلىغان جاپالارنى چەككەن، كۆچۈشنى خالىمىغانلار قامچا يېگەن ، ئاھۇ-زار ھەممىلا يەرنى قاپلاپ كەتكەن. ئەنە شۇ چاغدا يەتتىسۇغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانى 45 مىڭ 373 كىشىگە يەتكەن.

  • مەن  مەككە ،  بۇخارادا  ئون  يىل  ئوقۇدۇم ، ھازىر  58  ياشقا  كىردىم .  مەن  مۇقەددەس  كىتاپلارنى  تەرجىمە  قىلدىم ،  بۇلار  بىلىمىمنىڭ  چوڭقۇرلۇقىنى  ئىسپاتلاپ  بېرىدۇ .  يۇقۇرىدا   ئېيتقانلىرىمنىڭ  ھەممىسى   ئاللا  ۋە  مۇھەممەدنىڭ  سۆزلىرى .  مەن  پەقەت  بۇلارنى  سىزگە  يەتكۈزۈپلا  قويدۇم .  شۇڭا ،  بىز  خىتايلارنىڭ  ئالدام  خالتىسىغا  چۈشۈپ  كەتمەيلى .  ئەگەر  ئۇلار  سىلەرنى  بىز   بىلەن     ئۇرۇش   قىلىشقا  زورلىسا  ،  قوراللىرىڭلارنى  كۆتۈرۈپ  بۇ  يەرگە  قېچىپ  كېلىشىڭلارنى  ئۈمىد  قىلىمىز .  بىز  دۈشمەنلەرنى  تەلتۆكۇس   يوقاتقاندىن  كېيىن  ،  ئاندىن  سىلەرگە  ياردەم  بېرىمىز .  بىز  ھاكىمىيەتنى  قولغا  ئالغاندىن  كېيىن ،  سىزنى  ئىسلام  دىنىمىزنىڭ  بۇزرۇكۋارلىقىغا   كۆرسىتىمەن .

  • مامۇت سىجاڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياپۇنيەگە بارغان.شۇ مەزگىللەردە جۇڭگۇنىڭ ياپۇنغا قارىشى ئۇرىشى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىل بولۇپ ئىنىم ئابدۇلئەزىزنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشچە ياپۇننىڭ بىر باشلىقى"ھازىر جۇڭگۇ-ياپۇن ئۇرۇشى بولىۋاتىدۇ.بىز جۇڭگۇنى چوقۇم بويسۇندۇرىمىز،سىلەر شىنجاڭدىكى موھىم ئادەملەر،سىلەر بېيجىڭغا بېرىڭلار بىز غەلبە قىلغاندا چىڭگىزخان سەن شىنجاڭنىڭ مەمۇرى باشلىقى،مامۇت سىجاڭنى سەن ھەربىي باشلىق بولىسەن"دېگەن.بۇ ئىككىسى ياپۇنيەدىن بېيجىڭغا كەلگەندىن كىيىن شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدا كومۇنىستلارنى،ۋەتەبپەرۋەر زاتلارنى،زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ شىنجاڭغا بارماي ئاخىرى نەنجىڭ داشۆسىدە ئوقۇغان.بۇ چاغدا مامۇت سىجاڭ ۋاپات بولغان،نامىزىنى چىڭگىزخان چۈشۈرۈپ  يەرلىككە قويغان

  • ﺗۈﺭﻛﻰ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ


    1 . ﺗۈرﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ --- ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﻰ ﺗۈﺭﻛﯩﻴﻪ ، ﺑﯘﻟﻐﺎﺭﯨﻴﻪ ، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ، ﺋﯧﺮﺍﻕ ، ﺳﯘﺭﯨﻴﻪ ، ﺳﭙﻮﺭﯨﺲ
    ﺟﻪﻣﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 44ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ 500ﻣﯩﯔ .

    2 . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ --- ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﻰ ﺟﻮﯕﮕﯘ ، ﻗﺎﺯﺍﻗﺴﯩﺘﺎ...
  • ئون ئىككى مۇقامنىڭ سوتۇق ۋە شۆبە ناملىرنىڭ شەرھى

    تۇرسۇنجان ساۋۇت ئۇدمىش

    ئۇيغۇر كىلاسسىك « ئون ئىككى مۇقام » ى __ سەنئەت خۇمار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا سەنئەت خەزىنىسى ۋە سەنئەت قامۇسى . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك...
  • تارىخىي ھۆججەت : 8 ئۇيغۇر تارخانبەگنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇراجەتنامىسى


    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا 1929-يىلى ئۇيغۇر يۇرتىدىكى 8 ئۇيغۇر تارخانبەگنىڭ نەنجىڭ ئاۋام ھۆكۈمىتىگە ( 国民政府 ) يوللىغان<< ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپ...
  • ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرى

    ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن باش كىيىمىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ بۇ جەھەتتىن ئۆزىگە خاس باش كىيىم مەدەنىيىتى ئەنئەنىسى ۋە تارىخىغا ئېگە،تۆۋەندە باش كىيىملىرىدىن دوپپىنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز: ...
  •  جۇڭغار ئويمانلىقى > دىگەن نام توغرىسىدا.  

      نىياز كېرىمى   [ زىۋىدە ساتتار ]

              جۇڭغار   ئويمانلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز < دىيارىمىز > نىڭ   ...