-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://nazim.blogbus.com/logs/64232487.html
ئۇيغۇرتىلىدىكى ئىشتان سۆزىنىڭ كىلىش مەنبەسى
维吾尔语 Ishtan 一词的词源探析
The Origin of the Word "Ishtan" in Uyghur Language
چاڭخوڭ (常红)شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى فىلىلوگىيە ئىنىستىتوتىدىن
ھەرقانداق بىر تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا باشقا تىلدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر ئۇچىرايدۇ .بۇ ناھايتى نورمال ئەھۋال .بۇ ھادىسە شۇ تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىنى موللاشتۇرۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە.سۆزقۇبۇل قلىشنىڭ تاشقى سەۋەبى بولسا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى،سىياسى مەدەنىي تەسىردىن ئىبارەت بولسا ،ئىچكى ئامىلى تىلنىڭ لېكسىكا قىسمىنى بىېيتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ .سىرتتىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرمۇ ئاشۇ تىلنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە <<ئىشتان>>دىگەن بۇ سۆز روس تىلىدىن ئۇيغۇرتىلىغا قۇبۇل قىلىنغان دىيىلگەن ،ئەمەليەتتە بۇ سۆز چاغىتاي دەۋرىدە ئۇيغۇرتىلىدىن روس تىلىغا كىرگەن .ئۇيغۇرلار ناھايتى قەدىمكى مىللەت .ئۇلار قەدىمدە 袁纥،韦纥،乌护،乌纥،回纥،回鹘،畏兀儿 قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان .9-ئەسىردىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار كۆچمە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ ،تەبىئىكى ئوۋچىلىقمۇ ئاشۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تورمۇشۇدىكى مۇھىم ئىگىلىك ئىدى .شۇڭا <<ئىشتان >> ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم كىيىم ھېساپلىناتتى.قەدىمى تۈرك تىلىدا <<ئىشتان>>سۆزى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن <<ئىچتون>><<ئوتران>><<ئۆم>>قاتارلىق سۆزلەرنى تاپقىلى بولىدۇ .
<<ئىچتون>>دىگەن سۆز <<ئىچ>>ۋە <<تون>>دىگەن ئىككى سۆزدىن تەركىپ تاپقان قوشما سۆز.<<ئىچ>>سۆزى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرتىلىدا نەرسىلەرنىڭ ئىچكى قىسمى،بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان ، ئىچىدە بولىدىغان دىگەن مەنىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ.<<ئىچ>>سۆزنىڭ ئۇيغۇرتىلىدا ئىشلىتىلىش چاستوتىسى خېلى چوڭ ،بۇ سۆزدىن نۇرغۇن سۆزلەر ياسالغان ،تۈرلەنگەن .مەسىلەن :ئىچ ئەت (جىگەرگە يېقىن بولغان نىپىز گۆش)،ئىچقۇر(تاسما،بەلباغ،ئىشتان باغ)،ئىچ سۆز ....قاتارلىقلار .<<تون>>سۆزىگە كەلسەك ئۇيغۇرتىلىدا ئالدى ئوچۇق ، تۈز ياقىلىق ، ئۇزۇن سىرتقى كىيىم قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە .قەدىمى ئۇيغۇرتىلىدا <<ئىچتون>>دىگەن سۆزگە <<لان>>قۇشۇمچىسى قۇشۇلۇپ پىئىل ياسالغان مەسلەن :مەسلەن ئادەم ئىچتونلاندى (ئادەم ئىشتان كەيدى).دىگەندەك .كىيىنچە <<ئىچتون >>سۆزى كالتە ئىشتان،كوسار دىگەن مەنىلەردە قوللىنىلغانلىقىمۇ مەلۇم .
گوللاندىيەلىك شەرقشۇناس M. Th. Houtsma يازغان <تۈرك تىلى -ئەرەپ تىلى لۇغىتى>دە ئىچتون سۆزىگە كوسار،كالتە ئىشتان ،كۆڭلەك دىگەندەك ئىزاھلارنى بەرگەن .Camalu’l- din ibnu’l- Muhanna 14-ئەسىردە <<ئەرەپ تارك تىلى سۆزلىكلىرى>>دىگەن كىتاپنى يازغان بولۇپ ،ئۇنڭدا تەسۋىرلەنگەن تۈرك تىلى ئاساسلىقى چىڭگىزخان دەۋرىدىكى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئىدى .بۇ لۇغەتنىڭ كىرىسلى رېفئەت(Kilisli Ri’fat )تەرپىدىن ئىلان قىلىنغان نۇسخىسنىڭ 167-بېتىدە <<ئىچتون>>سۆزى <<ئاشتان>><<كوسار>>دىگەن مەنىلەردە دەپ ئىزاھ بېرىلگەن .Melioranski تۈزگەن بىر لۇغەتتە ئىشتانباغ سۆزى خاتىرلىنىپ ئۇنىڭغا،ئىشتاننى كۆرسىتىدۇ دەپ ئىزاھ بېرىلگەن .14-ئەسىردە تۈزۈلگەن <<قەدىمى تۈرك تىلىنىڭ تەپسىلى لۇغىتى>>دە :<<ئىچتون>> ئىچ كىيىمنى كۆرسىتىدۇ ،ئۇ ئىچ ۋە تون دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن دەپ ئىزاھ بېرىلگەن .15-ئەسىردە B. A talayتەرپىدىن تۈزۈلۇپ 1945-يىلى ئىلان قىلىنغان <<تۈركچە تەنە سۆزلەر توپلىمى>>دىگەن ئەسەردە ئاساسلىقى تۈرۈكمەن،قىپچاق تىللىرى ئاساس بولۇپ<< ئىچتون>> سۆزىگە كىيىم دەپ ئىزاھ بېرىلگەن .V. de V eliam inof- Zernof تەرپىدىن 16-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلان قىلىنغان ،<<چاغىتاي تىلى -تۈرك تىلى لۇغىتى>>ۋە Gerard clauson تەرپىدىن ئىلان قىلىنىپ Muhammad Mahdi Xan تەرپىدىن 18-ئەسىردە تۈزۈلگەن <<پارسچە-تۈركچە لۇغەت>> قاتارلقلاردا <<ئىچتون>>سۆزىگە كوسار ،ئىچ كىيىم دەپ ئىزاھلار بېرىلگەن .
يۇقارقى ماتېرياللاردىن قارايدىغان بولساق <<ئىچتون>>سۆزى قەدىمى تۈرك تىلىدا ئىشتان ،كوسار دىگەن مەنىلەرنى بىكدۈرگەن ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىش历史上的今天:
كروراننىڭ نوپۇسى ۋە كرورانلىقلارنىڭ كۆچۈشى 2010-05-25تۇنجى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ماتېماتىكا زورنىلى 2009-05-25ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ! 2009-05-25






















